ئەردوغان بارلىق خەلق ئاممىسىنى مالازگىرتقا كېلىشكە تەكلىپ قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالازگىرت زەپىرىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق خەلق ئاممىسىنى مالازگىرتقا تەكلىپ قىلدى.

1258531
ئەردوغان بارلىق خەلق ئاممىسىنى مالازگىرتقا كېلىشكە تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، مالازگىرت زەپىرىنىڭ 948 - خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق خەلق ئاممىسىنى مالازگىرتقا كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.

ئەردوغان ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، «ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن، تارىخىنىڭ ئېقىشىغا يېڭى بىر يۆنىلىش بەلگىلىگەن، ئەسىرلەر بويىچە ئانادولۇدا داۋاملىشىدىغان قېرىنداشلىق، پەزىلەت ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى بىر كاتتا مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى ئۇل تېشىنى تىكلىگەن مالازگىرت زەپەرىنىڭ خاتىرە يىلىدا، بارلىق خەلقىمىزنى مالازگىرتتا ساقلايمىز» دېگەن سۆزىگە يەنە، تەكلىپنىڭ ۋىدېئولۇق كۆرۈنۈشىنىمۇ قوشۇپ ئېلان قىلدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر