تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 9 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.
1258071
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇتۇقلۇق داۋاملىشىۋاتقان پەنچە-3 ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ھافتانىن رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ھەرىكەت جەريانىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 9 ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈنۈگۈنمۇ تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشقان ھالدا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى بېرىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا ئىككىسى ئايال بولۇپ جەمئىي 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.