«تۈركىيەنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئاداققىچە جان تىكىپ قوغدايمىز»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيەنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەم مەنپەئەتلىرىنى ئاداققىچە جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
1257829
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئارتۋىن ۋىلايىتىنىڭ يۈسۈفئەلى ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولغاندا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «غەرب بىزگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، تەھدىتلەر بىزنى ھەرگىزمۇ تىز پۈكتۈرەلمەيدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز تۈركىيەنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەم مەنپەئەتلىرىنى ئاداققىچە جان تىكىپ قوغدايمىز.»
يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان يۈسۈفئەلى دامبىسىنىمۇ ئېكىسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە توك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 2021 – يىلى ئاپرېلدا باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.