ئەردوغان شىمالىي قىبرىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەJەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھىدرو كاربون قېدېرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1257020
ئەردوغان شىمالىي قىبرىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى قانداق قوغدىساق، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ۋە رايوندىكى مەنپەئەتىنى ئىزچىل ھالدا ئوخشاش ئىرادە بىلەن قەتئىي قوغدايمىز. قىبرىستىكى مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلىشى، پۈتۈنلەي رۇملارنىڭ مۇرەسسەلەشمەس پوزىتسىيەسىدىن بولماقتا» دېدى.

ئۇ شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈنۈگۈن قىبرىس تۈركلىرىنىڭ قېنىنى تۆكۈپ ئارالنى قولغا كىرگۈزمەكچى بولغانلار، بۈگۈن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھۇجۇملىرى بىلەن ئوخشاش مەقسەتنىڭ پىيىدە يۈرمەكتە. قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى سەمىمىي ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، مۇرەسسەلەشمەكچى بولغاندىلا ئاندىن ئارالدا ھەممە كۈتكەن مەسىلىنى ھەل قىلىش يولى ئېچىلىدۇ» دېدى.

ئۇ شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيەنى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى يوق ھېسابلىغان ھەر قانداق لايىھەنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ساۋاق ئالمىغانلار بولسا، ئۇلارغا كېرەكلىك ساۋىقىنى بېرىشتىن ھەرگىزمۇ چېكىنمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشىنى خالايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر