سۇلايمان سويلۇ: مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغا قەدەر جەمئىي 635 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تۈركىيە ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغا قەدەر تېرررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا 635 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
1256784
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ئەتكەسچىلىك ئىستىخباراتى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان جەمئىي 8570 قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇلايمان سويلۇ بۇ ھەرىكەتلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا 635 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.