تۈركىيەنىڭ دېڭىز تاشپاقىلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈركىيەنىڭ دېڭىز تاشپاقىلىرى» دېگەن تېمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1255445
تۈركىيەنىڭ دېڭىز تاشپاقىلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تۈركىيەنىڭ دېڭىز تاشپاقىلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دۇنيادا سەككىز تۈرلۈك دېڭىز تاشپاقىسى تۈرىنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىككى تۈرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىز ساھىللىرىنى ماكان تۇتقانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

زېمىندىكى سەككىز تۈرلۈك دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ ئىككى تۈرى تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىز ساھىللىرىغا كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بىرى بېشى چوڭ دېڭىز تاشپاقىسى – Caretta Caretta ۋە يېشىل دېڭىز تاشپاقىسى -Chelonia Mydas   تۇر. بۇ ئىككى خىل دېڭىز تاشپاقىسى ئادەتتە ماي – ئاۋغۈست ئايلىرى ئارىسىدا ئەكىنجىك - داليان رايونىدىن تارتىپ يۇمۇرتالىق - سامانداغ رايونىغىچە بولغان كۆپلىگەن دېڭىز ساھىللىرىمىزدا ئۇۋا سالىدۇ، بۇ ئۇۋىلارغا كېچىلىرى تۇخۇملىرىنى تۇغىدۇ. يېشىل دېڭىز تاشپاقىسى نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تۈركىيەدە بولغاچقا، تۈركىيە بۇلارنىڭ ئاقدېڭىز ھاۋزىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇۋا سېلىش ساھەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى، ئاقدېڭىزدىكى يېشىل دېڭىز تاشپاقىلىرى سانىنىڭ سۈرئەت بىلەن ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. شۇڭا دېڭىز تاشپاقىلىرى ھەر خىل كېلىشىملەر ئارقىلىق مۇھاپىزەت قىلىنماقتا. تۈركىيەدىمۇ دېڭىز تاشپاقىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى مەزمۇن قىلغان سىستېمىلىق خىزمەتلەر داۋام قىلماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈركىيەنىڭ دېڭىز تاشپاقىلىرى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر