تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ تەلرىفئەت رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.
1254448
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرى، تەلرىفئەتتىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە قىسىملىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، تېررورچىلارغا ئائىت نىشانلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.