تۈركىيە ئارمىيەسى ھاككارىدا پ ك ك تېررورچىلىرىغا زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى، ھاككارىنىڭ داغلىجا رايونىدىكى ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىغا زەربە بەردى.
1253040

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ھاككارىنىڭ داغلىجا رايونىدىكى ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىغا دەل ۋاقتىدا زەربە بېرىپ، 2 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، داغلىجا رايونىدىكى ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلغان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا دەل ۋاقتىدا زەربە بېرىپ، 2 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.