تۈركىيە سۇداندىكى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە سۇداندا ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەش بىلەن خەلق بىرلەشمىسى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇساپىسىنى باشلايدىغان ئاساسىي قانۇن خىتابنامىسى ئىمزالانغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۇداندا ھەربىي كېڭەش بىلەن خەلق بىرلەشمىسى ئوتتۇرىسىدا ئاساسىي قانۇن خىتابنامىسى ئىمزالانغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «دوست دۆلەت سۇداندا ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ رامكىسىنى بەلگىلىگەن ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان ئاساسىي قانۇن خىتابنامىسىنىڭ، ھەربىي ۋاقىتلىق كېڭىشى بىلەن ئەركىنلىك ۋە ئىسلاھات كۈچلىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئىمزالانغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلدۇق» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە، بۇندىن كېيىنكى باسقۇچتا خەلقنىڭ تەلەپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، خەلق ئاممىسىغا قۇچاق ئاچقان ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە دوست دۆلەت سۇداننىڭ بالدۇرراق مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ ئۈمىد قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
تۈنۈگۈن (4-ئاۋغۇست) سۇداندا ھەربىي ۋاقىتلىق كېڭىشى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرلەشمىسى ھېسابلىنىدىغان ئەركىنلىك ۋە ئىسلاھات خىتابنامىسى كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي كىرىزىسنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋە ئورتاق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلايدىغان دەسلەپكى ئاساسىي قانۇن خىتابنامىسى ئىمزالانغان ئىدى. 17-ئاۋغۇست (شەنبە) خىتابنامىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى ئۈستىدە كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ.
تەرەپلەر 2019-يىلى 17-ئىيۇل 39 ئايلىق ئورتاق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي خىتابنامىنى ئىمزالىغان ئىدى.