سۇلايمان سويلۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بۇ يىل 29 – ئىيۇلغچە بولغان مەزگىلدە، 177 مىڭ 654 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1247103
سۇلايمان سويلۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىنى مىنىستىرلىقتا كۈتۈۋالدى.

سۇلايمان سويلۇ: «چوڭ بىر كۆچمەنلەر دولقۇنىغا دۈچ كەلگەن ئەھۋالدا تۇرىۋاتىمىز، لېكىن باشقۇرۇلماي قالىدىغان بىرەر كىرىزىسنىڭ ئىچىدە ئەمەسمىز» دېدى ۋە بۇ ۋەزىيەتنىڭ مۇئەييەن بىر سىياسيەت بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

تۈركىيەدە ۋاقىتلىق پاناھلانغۇچى سالاھىيىتىگە ئىگە 3 مىليون 639 مىڭ 284 سۈرىيە پۇقراسى بارلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە تارىخىدا قوبۇل قىلىنغان ئومۇمىي كۆچمەنلەر سانىنىڭ بۇ ۋاقىتلىق پاناھلانغۇچى سانىنى قوشقاندا، 5 مىليون 700 مىڭ كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق پاناھلىق ئىلىتىماسىنىمۇ قوبۇل قىلالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ: «بۇنىڭدىن ئىلگىرى پاناھلانغۇچىلارنى بىزنىڭ نامىمىزدىن ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومېسسارلىقى قوبۇل قىلاتتى. ئالدىنقى يىلى تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە قولغا كەلتۈرگەن ھەق ھوقۇقى ۋە قابىلىيىتى، ئىلتىماسلارنى تۈركىيەنىڭ بىۋاستە ئۆز نامىدىن قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى» دېدى.

سۇلايمان سۆيلۇ ۋەزىيەت نورماللاشقان چاغدا سۈرىيەگە قايتىپ كېتىشنى خالايدىغانلارنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن %70 ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھازىرغا قەدەر كىچىك بالىلارنىمۇ قوشقاندا 92 مىڭ 289 سۈرىيە پۇقراسىنىڭ ۋەتىنىگە قايتقانلىقىنى ئېيتتى.

قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەشنىمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 قانۇسىز كۆچمەننىڭ نازارەتكە ئېلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. 

قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ تۈركىيەنى ئۆتكۈنچى كۆۋرۈك سۈپىتىدە ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ئېكېلتىرونلۇق سانائىتى شىركىتى «ASELSAN» بىلەن ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرغان لايىھە ئارقىلىق ساھىل كۆزىتىش رادار سىستېمىسىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان سۇلايمان سويلۇ: «دېڭىز تەۋەلىكىمىزدە كۆزىمىزدىن قاچىدىغان بىر سانتىمېتىرمۇ يەر قالمايدۇ» دېدى.

سۇلايمان سۆيلۇ: «بەزىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھەققىدە <قويۇۋېتىڭلار ياۋروپاغا كەتسۇن> دېيىشىدۇ. ئۇنداق ياۋروپا كېتەلەيدىغان بولۇپ قالسا، قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ئەگەر بۇ ئەھۋالنى مەن كونتىروللۇقىمدا تۇتمىسام، تۈركىيە ھېچ قايسىمىز باشقۇرالمايدىغان بىر كۆچمەنلەرنىڭ تىرانزىت (ئۆتۈش) مەركىزىگە ئايلىنىدۇ» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر