ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەربىي ئالىي شورا (كېڭەش) يىغىنى ئېچىلدى

ھەربىي ئالىي شورا (كېڭەش) يىغىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى.

1246217
ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەربىي ئالىي شورا (كېڭەش) يىغىنى ئېچىلدى
YAS anitkabir.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياەتچىلىكىدىكى ھەربىي شورا (كېڭەش) ئەزالىرى يىغىندىن ئىلگىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە مەقبىرىسىنى زىيارەت قىلدى. ئاندىن ئەردوغان ۋە شورا (كېڭەش) ئەزالىرى يىغىن ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىگە باردى.

ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئەدلىيە مىنىستىرى ئابۇلھەمىت گۈل، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سايلۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلجوق، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۇندار، دېڭىز ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۆزبال ۋە ھاۋا ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ھەسەن كۈچۈكئاقيۈز ئىشتىراك قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر