تۈركىيە ئامېرىكادىن پ ك ك غا ياردەم قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئامېرىكادىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ غا قىلىۋاتقان ياردىمىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى.

1244540
تۈركىيە ئامېرىكادىن پ ك ك غا ياردەم قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر (Mark Esper) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ھۇلۇسى ئاكار تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىن كۈتىدىغىنىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ غا قىلىۋاتقان ياردىمىنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى» دېيىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇق كارىدورى قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى؛ تۈركىيەنىڭ پەقەت ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى رايوندا ياشاۋاتقان كۈرت (كورد) لەر، ئەرەبلەر، ئاسۇرىلار، خىرىستىيانلار ۋە يەزىدىلەرگە ئوخشاش، باشقا دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭمۇ بىخەتەرلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا بىلەن ئورتاق نۇقتىغا كېلەلمىگەن ئەھۋالدا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا بىخەتەرلىك رايوننى ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر