تۈركىيە تېررورلۇق كارىدورىنى بىتچىت قىلىشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تېررورلۇق كارىدورىنى بىتچىت قىلىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1243189
تۈركىيە تېررورلۇق كارىدورىنى بىتچىت قىلىشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti) نىڭ ۋىلايەتلىك شۆبە باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ 2019-يىلى 27-مايدا ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى باشلانغان «پەنجە ھەربىي ھەرىكىتى» توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: «ئۆتكەن ھەپتە ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى كونسۇلخانا خادىمىغا قىلىنغان ھۇجۇم، ھەرىكىتىمىزنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. مەقسىتىمىز-تېررورىستلارنى چېگرا لىنيەسىدىكى سارپ تاغلىرىنىڭ ئورنىغا، چېگرامىزغا يېقىن بولغان تۈزلەڭلىكتە توسىدىغان بىخەتەرلىك لىنيەسى تەشكىل قىلىش. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئىنشائاللاھ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇۋا تۇتقان كاندىل تېغى دەيدىغان مەسىلە قالمايدۇ» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۈرىيەدە بىخەتەرلىك رايون تەسىس قىلىش سۆھبەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ فىراتنىڭ شەرقىدىكى تېررورلۇق كارىدورىنى بىتچىت قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي.»

ئۇ رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنغان «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى قوراشتۇرۇش ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدىن كېيىن، 2020-يىلى ئاپرېلدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئامېرىكا «F-35» ئايروپىلانلىرىنى بەرمىگەن ئەھۋالغا قارىتا: «تەدبىرلىرىمىزنى ئالىمىز، باشقا ياققا يۈزلىنىمىز» دېدى.

ئۇ ھازىرمۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ ئەڭ يېقىن، ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ پايدىلىق ۋە ھەر نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئەڭ قىممەتلىك دوست نامزاتى ئىكەنلىكى تەكىتلەپ: «مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشنى خالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپالىقلارنىڭ ئوخشاش نىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەكلا كۇپايە. بىزگە بىر قەدەم يېقىنلاشقانغا، بىز ئىككە قەدەم يېقىنلىشىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر