خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھاككارىدا بىر تۈركۈم تېررورچىلارنى ئۇجۇقتۇردى
تۈركىيە ئارمىيەسى ھاككارى تاغلىق رايونىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 8 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
1242763
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارى ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى ۋە ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ، يۈكسەكئوۋا ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 8 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.