ھاككارىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ھاككارىنىڭ چېگرا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، بىر ئەسكەر يارىلاندى.

1243098
ھاككارىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىنىڭ چېگرا بويى تاغلىق رايونىدا پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، بىر ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رايوندىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، ھۇجۇمنى سادىر قىلغان ئۈچ تېررورچىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا ئىز قوغلاپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر