تۈركىيەنىڭ ئەربىل كونسۇلخانا خادىمىغا سۇيقەست پىلانلىغان 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

شىمالىي ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە تۈركىيە كونسولخانىسى خادىمى شېھىت قىلىنغان سۇيىقسەتنى پىلانلىغۇچى 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1242329
تۈركىيەنىڭ ئەربىل كونسۇلخانا خادىمىغا سۇيقەست پىلانلىغان 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئىستىخبارات تەشكىلاتى بىرلىكتە ئايرىم ئايرىم ئىككى قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ باردى. 

دەسلەپكى ھەرىكەت سۇيىقەست قىلىنغان كۈننىڭ ئەتىسى 18ئىيۇلدا ئىشقا ئاشتى.

ئىستىخبارات خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، تېررورلۇق تەشىلاتى پ ك ك نىڭ رايوندىكى ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان تېررورچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

ئىككىنچى ھەرىكەت تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشتى ۋە تېررورلۇق تەشىلاتى پ ك ك نىڭ يەنە بىر تېررورچىسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

17ئىيۇلدا ئەربىلنىڭ ئەڭ ئاۋات رايونلىرىدىن بىرسى بولغان ئايرودورۇم كوچىسىدىكى بىر رىستوراندا پۇقراچە كېيىنگەن ئىككى تېررورچى تۈركىيەنىڭ ئەربىل كونسۇلخانا خادىمى دىپلومات ئوسمان كۆسەنى ناشتا قىلىپ ئولتۇرغان پەيتتە مىلتىق بىلەن ئېتىپ قېچىپ كېتىشكەن ئىدى.

ھۇجۇمدا ئوسمان كۆسەدىن باشقا يەنە 2 ئىراق پۇقراسىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر