«تەھدىتلەر تۈركىيەنى ھەققانىي داۋاسىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھېچقانداق بىر تەھدىتنىڭ تۈركىيەنى ھەققانىي داۋاسىدىن ئەسلا ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1241491
«تەھدىتلەر تۈركىيەنى ھەققانىي داۋاسىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان «لوزان تىنچلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 96 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2019 – يىلنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭمۇ 100 – يىللىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان مىللىي  كۈرەشنىڭ، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىق ھۆججىتى ھېسابلىنىدىغان «لوزان كېلىشىمى» ئارقىلىق تاجلاندۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇستەقىللىقىغا، ئىستىقبالىغا، خەلقىنىڭ ھۇزۇرى ۋە بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان ھەرقانداق بىر تەھدىتنى بىر تەرەپ قىلىش كۈچى ھەم قەتئىي ئىرادىگە ئىگە. تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە سۈرىيەدە تاشلاۋاتقان قەدەملىرى، تۈركىيە خەلقى ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش سەزگۈرلۈكىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى ئوچۇق - ئاشكارا بولسۇن، مەيلى مەخپىي بولسۇن، ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى تەھدىت تۈركىيەنى ھەققانىي داۋاسىدىن ئەسلا ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر