سۇلايمان سويلۇ چەت ئەللىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئىستانبۇلدا رۇيخەتكە ئېلىنمىغان سۇرىيەلىكلەرنىڭ رۇيخەتكە ئېلىنغان شەھەرلەرگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1241765
سۇلايمان سويلۇ چەت ئەللىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۆچمەنلەر سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

سۇلايمان سويلۇ بۇ يىل 163 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەننى نازارەتكە ئالغانلىقىنى ۋە بۇلاردىن 43 مىڭ كىشىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ قايۇرۇۋىتىلىشى دائىرىسىدە ئىستانبۇلدا بۇ يىل 6122 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەننىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇلاردىن 2691 كىشىنىڭ ئافغانىستانلىق، 1619 كىشىنىڭ پاكىستانلىق ئىكەنلىكىنى ۋە 1000 غا يېقىن كىشىنىڭ سۇرىيەلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

ئىستانبۇلدا تۇرىۋاتقان پاناھلانغۇچىلار ئارىسىدا 547 مىڭ كىشى سۈرىيەلىك بولۇپ، جەمئىي 1 مىليون 69 مىڭ كۆچمەننىڭ رۇيخەتكە ئېلىنغانلىقىنى ۋە بۇ سۇرىيەلىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق قوغداش دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سۇلايمان سويلۇ، ۋاقىتلىق قوغداش دائىرىسىدىكى سۈرىيەلىكلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغان ئىش يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

سۇلايمان سويلۇ ۋاقىتلىق قوغداش دائىرىسىدىكى سۈرىيەلىكلەر ئەگەر رۇيخەتكە ئېلىنمىغان بولسا، پاناھلانغۇچىلار لاگىرىغا ئەەۋتىلىدىغانلىقىنى، رۇيخەتكە ئېلىنغانلارنى بولسا، قايسى ۋىلايەتتە رۇيخەتكە ئېلىنغان بولسا، شۇ ۋىلايەتكە يوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھازىر پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا 100 مىڭ كىشى بارلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر