ئامېرىكا ۋەكىلى جېفرېي تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمس جېفرېينىڭ تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1240129
ئامېرىكا ۋەكىلى جېفرېي تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمس جېفرېينىڭ تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكى، ئالاقىدار خادىملار بىلەن تۈركىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ئەندىشىلىرى ۋە سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمس جېفرېينىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەنقەرەگە كەتكەنلىكىنى، 22-، 23 – ئىيۇل كۈنلىرى تۈرك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، «باش ئەلچى جېفرېي بىلەن تۈرك ئەمەلدارلار، تۈركىيەنىڭ يوللۇق خەۋپسىزلىك قايغۇلىرى، سۈرىيە ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشنى مەزمۇن قىلغان ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە دائېش مەغلۇبىيىتىگە ئۈزۈل – كېسىللىككە ئىگە قىلىش دېگەندەك داۋاملىشىۋاتقان تىرىشچانلىقلار توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر