تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى«پ ك ك»بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پ ك ك»بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

1239521
تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى«پ ك ك»بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان رايونلاردىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى «پ ك ك»غا تەۋە بازىلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ يىل 27-مايدا باشلىغان «پەنچە»ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەتىنا رايونىغا ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەربىي ھەرىكەتتە «پ ك ك »غا تەۋە قونالغۇلار، پاناھلىنىش يەرلىرى ۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەملىكەت ئىچىدىمۇ «پ ك ك»غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئاغرى ۋىلايىتىدە 2، دىيارباكىر ۋىلايىتىدە 1 بولۇپ جەمئىي 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.


خەتكۈچ: #پ ك ك , #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر