مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنى تەبرىكلىدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 45 – يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

1239255
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى» شېھىتلىرى ۋە قەھرىمان غازىلىرىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ  مۇنداق دېدى: «قىبرىس ئارىلىغا تىنچلىق ئېلىپ كەلگەن، قىبرىسلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۇچرىغان زۇلۇمغا خاتىمە بەرگەن <قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى> نىڭ 45 – يىللىقى مۇبارەك بولسۇن. <قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى> شېھىتلىرى ۋە قەھرىمان غازىلىرىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن. بىز ھەمىشە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ يېنىدا بولىمىز ۋە مەنپەئەتلىرىنى جان تىكىپ قوغدايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر