ئىراقتا شېھىت بولۇپ كەتكەن دىپلوماتنىڭ مېيىتى تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە شېھىت بولغان تۈركىيەنىڭ ئەربىل باش كونسۇلخانىسى خادىمىنىڭ مېيىتى تۈنۈگۈن كېچە تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.

1237486
ئىراقتا شېھىت بولۇپ كەتكەن دىپلوماتنىڭ مېيىتى تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شېھىت دىپلوماتنىڭ مېيىتى، ھۇجۇمدىن كېيىن ئەربىل رىزگارى دوختۇرخانىسىدىكى  جەسەت تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملاىنىشىدىن كېيىن، تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەن.

ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا، تۈركىيەنىڭ ئەربىل باش كونسۇلخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر دىپلومات شېھىت بولغان، بىر ئىراق پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر