تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك تېررورچىلىرىنى قاتتىق ھالسىراتتى

تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئىراقتىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە تاقابىل تۇردى.

1238300
تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك تېررورچىلىرىنى قاتتىق ھالسىراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ تۈركىيە ۋە ئىران چېگرا لىنىيەلىرىدە ئۇدا 29 يىلدىن بۇيان 800 يېزىنى ئىشغال قىلىۋالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىغا قاراتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى تېررورچىلارنى قاتتىق ھالسىراتتى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ئىراق تېرروتېرىيەسىدە پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئالدىدا تېررورچىلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى جىددىي شەكىلدە ئازايدى، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدىمۇ كەينىگە چېكىنىش كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر