تۈركىيە ئامېرىكانىڭ «F-35» قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكانى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ياخشىلىغىلى بولمايدىغان زىدىلەرنى پەيدا قىلىدىغان «F-35» قارارى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خاتالىقىدىن يېنىشقا دەۋەت قىلدى.

1237574
تۈركىيە ئامېرىكانىڭ «F-35» قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ «F-35» قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. مىنىستىرلىق بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنى «F-35» پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋېتىشىنىڭ ھېچقانداق يوللۇق سەۋەبكە تايانمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكانى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ياخشىلىغىلى بولمايدىغان زىدىلەرنى پەيدا قىلىدىغان بۇ خاتالىقىدىن يېنىشقا دەۋەت قىلىمىز» دېدى.

باياناتتا، ئاقساراي ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيەدىن «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ «F-35» پىروگراممىسىدىن چىقىرىلىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.

«بۇ بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا بېسىلغان قەدەم، ئىتتىپاقلىق روھىغا ئۇيغۇن بولمايلا قالماستىن، بەلكى ھېچقانداق يوللۇق سەۋەبى يوق» دېيىلگەن باياناتتا، تۆۋەندىكى ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلدى:

« F-35پىروگراممىسىنىڭ ئاساسلىق شېرىكلىرىدىن بېرى بولغان تۈركىيەنىڭ پىروگراممىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇشى، ئادىللىق ئەمەس. S-400 سىستېمىسىنىڭ F-35 لەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس. بۇ مەسىلىدە ناتومۇ ئىشتىراك قىلىدىغان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەكلىپىمىزنىڭ نەزەرگە ئېلىنماسلىقى، ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە مەسىلىنى ياخشى نىيەت بىلەن ئۆزىنىڭ يولىدا ھەل قىلىش ئىرادىسىنىڭ كەمچىللىكىنى ئەڭ روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئامېرىكانىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان دوستلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى پەقەت سۆزلەپ قويۇش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ھەرىكىتى بىلەن، بولۇپمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش، پ ك ك|پ ي د|ي پ گ ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتىمۇ كۆرسىتىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

«جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئۆتكەن ئاي ئوساكادا ئۆتكۈزۈلگەنG-20 يىغىنىدا كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويغان ئورتاق قاراشقا ھەر سەۋىيەدە سادىق بولۇش، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئامېرىكانى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ياخشىلىغىلى بولمايدىغان زىدىلەرنى پەيدا قىلىدىغان بۇ خاتالىقىدىن يېنىشقا دەۋەت قىلىمىز.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «S-400» سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ «F-35» پىروگراممىسى ئىچىدە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئامېرىكا ھازىرمۇ تۈركىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىز كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە بولۇپ، F-35 لەرگىلا باغلىق ئەمەس» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر