«پەنچە 2»ناملىق ھەربىي ھەرىكەت رەسمىي باشلىدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش مەقسىتىدە پىلانلانغان «پەنچە 2»ناملىق ھەربىي ھەرىكەت رەسمىي باشلىدى.

1235330
«پەنچە 2»ناملىق ھەربىي ھەرىكەت رەسمىي باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش مەقسىتىدە پىلانلانغان «پەنچە 2»ناملىق ھەربىي ھەرىكەت رەسمىي باشلىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پەنچە ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، 2019-يىلى 12-ئىيۇل كەچتە،قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى توپچى قىسىملىرى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىمىز تېررورچىلارنىڭ غول بازىسى بولغان ئىراقنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا <پەنچە 2>ناملىق ھەربىي ھەرىكەت پىلانى دائىرىسىدە، ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى.»

باياناتتا بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە <ئاتاك>ناملىق تىكئۇچارلار ۋە ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتى قاتارلىق ئىلغار ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ھەربىي ھەرىكەت بىلەن خاكۇرك رايونىدىكى تېررورچىلارنىڭ بازىلىرىنى ۋەيران قىلىش ۋە تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ.»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدا «پەنچە 2»ناملىق ھەربىي ھەرىكەت  پىلانى دائىرىسىدە باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بازىلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر