ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە تەيىنلىگەن يېڭى باش ئەلچىسى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەگە تەيىنلەنگەن يېڭى باش ئەلچىسى دېيۋىد م. ساتېرفېيلد تۈنۈگۈن تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.

1234317
ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە تەيىنلىگەن يېڭى باش ئەلچىسى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچىسى دېيۋىد ساتېرفېيلدنى پايتەخت ئەنقەرەدە ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتى جېفرېي م.ھوۋېنىئېر كۈتۈۋالدى.

ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىدىكى تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن دېيۋىد م. ساتېرفېيلدنىڭ بۈگۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشتىن خۇشاللىق ھېس قىلماقتىمىز. تۈركىيەگە خۇش كەلدىڭىز!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 2017 – يىلى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن كېيىن، شۇ يىلى ئىچىدە تۈركىيەدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون باسنى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلىگەنىدى.

باس ئەنقەرەدىن كەتكەندىن كېيىنكى بىر يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تۈركىيەەە باش ئەلچى تەيىنلەنمىگەنىدى.

ترامپ، ئارىدىن بىر يېرىم يىل ئۆتكەندىن ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە دېيۋىد ساتېرفېيلدنى نامزات كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا پالاتاسى 28 – ئىيۇندا دېيۋىد ساتېرفېيلدنىڭ باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تەستىقلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر