تۇنجەلىدە 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، تۇنجەلىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1233786
تۇنجەلىدە 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋزى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقىنىڭ تۈنۈگۈن تۇنجەلىنىڭ ئوۋاجىك تاغلىق رايونىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 5 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ جەرياندا، تۇنجەلى ۋالىيلىق مەھكىمىسىمۇ بايانات بېرىپ، ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقىنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوۋاجىك ناھىيەسىدە ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بېرىپ، 5 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «رايوندا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە جامائەتچىلىككە ئايرىم مەلۇمات بېرىلىدۇ. ۋىلايىتىمىزدە تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تېپىپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىش يولىدىكى خىزمەتلەر قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر