15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى ئۈچۈن يېڭى لوگو لايىھەلەندى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا «15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى» ئۈچۈن يېڭىدىن لوگو لايىھەلەندى.

1232348
15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى ئۈچۈن يېڭى لوگو لايىھەلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تىۋىتتېردىكى رەسمىي ئادرېسىدا يېڭى لوگونى باش سۈرىتى قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى.

15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى دائىرىسىدە تۈركىيە مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردە ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان يېڭى لوگو «www.15temmuz.gov.tr» ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىستراتېگىيەلىك ۋە خامچوت باشقارمىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى رەسمىي ئادرېسلىرى، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ۋە مىنىستىرلىقلارمۇ يېڭى لوگونى باش رەسىمى قىلىپ ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر