فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەخپىي تورى ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشلىقى فەخرىتتىن ئالتۇن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قاراڭغۇ ۋە قانلىق يۈزىنى پۈتۈن دۇنياغا چۈشەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1229821
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەخپىي تورى ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەخرىتتىن ئالتۇن «TRT World» تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدە تۇنجى قېتىم قويۇلغان ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەخپىي تورىنى پاش قىلىدىغان «The Network» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن مەلۇمات ئېلان قىلدى.

فەخرىتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىكى ئۇچۇرىدا، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قاراڭغۇ ۋە قانلىق يۈزىنى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز» دېدى.

«The Network» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسىتىپ، پائالىيەت قىلغان بارلىق دۆلەتلەرگە قانداق تەھدىتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى چۈشۈندۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فەخرىتتىن ئالتۇن «The Network» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رەت بويىچە فىرانسىيە، ئەنگلىيە، شىمالىي ماكېدونىيە، گېرمانىيە، بوسنىيە گىرېتسىگوۋېنا، ئالبانىيە، قازاقىستان، ئامېرىكا، جەنۇبىي ئافرىقا، قىرغىزىستان، ئىتالىيە ۋە كوسوۋادا قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «< The Network > فىلىمى بۇ مەخپىي تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چەت ئەللەردە ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن ئىنتايىن سىرلىق شەكىلدە قانداق تورلاشقانلىقىنى پاش قىلىپ، ئۇنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىك ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەن تەھدىتلىرى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ» دېدى.

فەخرىتتىن ئالتۇن فىلىمنىڭ مۇقەددىمىسىنىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ھەمبەھىرلەشتى.

«The Network» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 8ئىيۇلدا پارىژ ۋە لوندوندا، 9 - ئىيۇلدا ئۈسكۈپتە، 10 - ئىيۇلدا بېرلىن، سارايىۋو ۋە تىراندا، 11ئىيۇلدا ئىشكودرا، نۇرسۇلتان ۋە نىيۇيوركتا، 12ئىيۇلدا جوھاننېسبورگدا، 13ئىيۇلدا بىشكەكتە، 14ئىيۇلدا رىم ۋە پىرىشتىندە، 15ئىيۇلدا مىلانودا كۆرسىتىلىدۇ.

ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ نىيۇيوركتىكى ئىككىنجى قېتىملىق كۆرسىتىلىشىنى بولسا، 14 ئىيۇلدا ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر