ئامانوس تېغىدا بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
خاتاينىڭ ئامانوس تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1229570
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتاي ۋالىيلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ژاندارما قوماندانلىقىنىڭ ئامانوس تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بارغان پىلانلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تېررورچىنىڭ قول – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، پۇقرالىرىمىزنىڭ ئامان – ئېسەنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.