تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان پەنچە ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن ماس ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە كەم دېگەندە 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1228770
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدا پەنچە ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن ماسلاشقان ھالدا تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھەرىكەت سايىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىستىھكام، ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان جايلارنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقى، كەم دېگەندە 2 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر