رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيەدە سودا-سانائەتچىلەرگە خىتاب قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيەدە سودا-سانائەتچىلەرگە خىتاب قىلىپ، تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى.

1227825
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيەدە سودا-سانائەتچىلەرگە خىتاب قىلدى
erdogan japonya is insanlari1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيەدە سودا-سانائەتچىلەرگە خىتاب قىلىپ، تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى. ئۇ ياپونىيە سودا-سانائەت فېدېراتسىيەسى ئۆتكۈزگەن ياپونىيەلىك سودا-سانائەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىندا، سودا قورۇقچىلىقىنىڭ ئېشىشى ۋە ئەركىن بازارلارنىڭ ئاقساشقا ئۇچرىشىشىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە سېلىنما مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئىقتىسادىي شېرىكلىك كېلىشىمىنى تېز سۈرئەتتە تاماملاپ 2019-يىلى ئىچىدە ئىمزالاشنى خالايمىز. كېلىشىمنىڭ، بىر تەرەپتىن ئەركىن سودا تېمىسىدىكى ئورتاق نىشانىمىزنى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئوخشىماسلىقلىرىمىزنى نەزەردە تۇتۇپ، تەڭپۇڭ ھالدا نازارەت قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئادىل بولغان بىر ۋاقىت ئىچىدە تولۇق ئەركىن سودىغا ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭ ئاخىرىدا تاموژنا باجلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى پايدىلىق دەپ قارايمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ رايوندا مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىرانسىپورت بازىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى ھەر دائىم قوللىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ: «دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سېلىپ مەمنۇن بولمىغان، مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمىغان ھېچقانداق سودا-سانائەتچى يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر