لىۋىيەدە ھافتەر كۈچلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركلەر قويۇپ بېرىلدى

لىۋىيەدە خەلىفە ھافتەر كۈچلىرى گۆرۈگە ئېلىۋالغان تۈركىيە پۇقراسى 6 كىشى قويۇپ بېرىلدى.

1228088
لىۋىيەدە ھافتەر كۈچلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركلەر قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، لىۋىيەدە خەلىفە ھافتەر كۈچلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركىيە پۇقراسى 6 نەپەر پاراخوت خادىمى قويۇپ بېرىلگەن.

ئالاقىدار مەنبەلەر، تۈرك كېمىچىلەرنىڭ لىۋىيەلىك شىركەت خوجايىنلىرى بىلەن بىرلىكتە پاراخوتقا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۆز ئىستەكلىرىگە ئاساسەن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھافتەر كۈچلىرى تۈركىيە پۇقراسى 6 ئادەمنى گۆرۈگە ئېلىۋالغاندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «لىۋىيەدە ھافتەرگە قاراشلىق قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن 6 پۇقرايىمىزنىڭ گۆرۈگە ئېلىۋېلىنىشى باندىتلىق ۋە قاراقچىلىق تۈرىگە كېرىدىغان بىر قىلمىشتۇر. پۇقرالىرىمىزنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتمەكتىمىز. ئەكسىچە بولغاندا، ھافتەر كۈچلىرى يوللۇق زەربە ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر