دونال ترامپ ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە تۈركىيەگە ئادىل پوزىتسىيە تۇتۇلمىغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1227146
دونال ترامپ ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە تۈركىيەگە ئادىل پوزىتسىيە تۇتۇلمىغانلىقىنى ئېيتتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گ 20 رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە ياپونىيەنىڭ «INTEX Osaka» يەرمەنكە مەركىزىدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونال ترامپ بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان ئۇچرىشىشنىڭ باشلىنىشىدا قىسىقىچە بايانات بېرىپ، ترامپ بىلەن رەھبەرلەر يىغىنىدا كۆرىشىشىنىڭ تولىمۇ مەنىلىك بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئەردوغان: «ھازىر ئامېرىكا بىلەن بولغان 75 مىليارد دوللارلىق سودىمىز يۇقىرىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. مۇداپىئە سانائىتىگە قارىتا تاشلىغان ۋە تاشلايدىغان قەدەملىرىمىز بار. ھەممىدىن مۇھىمى ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىكىمىز بار» دېدى.

ئەردوغان بۇ ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىكنىڭ نۇرغۇنلىغان ساھالەر بويىچە ئامېرىكا تۈركىيە ھەمكارلىقىغا رىغبەت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلدە بۇ ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئوخشاش شەكىلدە داۋاملىشىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن» دېدى.

دونالد ترامپمۇ ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىش باشلىنىشتن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىدىن ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋىلىش مەسلىسىدە سابىق پىرېزىدېنت ئوباما دەۋىرىدە تۈركىيەگە ئادىل پوزىتسىيە تۇتۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ بىر مۇخبىرنىڭ «تۈركىيە < S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالغان تەقدىردە، ئامېرىكا تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزەمدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئوبوما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىسىتېمىسى سىىتىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە تۈركىيەگە ئادىل پوزىتسيە تۇتۇلمىدى» دەپ جاۋاپ قايتۇردى. 

دونال ترامپ < S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «چېگىش بىر مەسىلە، ئوخشاش بولمىغان ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئىزدەۋاتىمىز، تۈركىيەگە نىسبەتەن ئادىل بولمىساق بولمايدۇ» دېدى.

دونال ترامپ تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ دوستى ۋە بىرلىكتە قالتىس ئىشلارنى قىلدۇق ھەمدە چوڭ سودا شېرىكىمىزدۇر. بۇنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئۆزئارا سودا ئومۇمىي سوممىمىزنىڭ 75 مىليارد دوللار بولۇشى ئىنتايىن ئاز. 100 مىليارد دوللاردىن تېخىمۇ يۇقىرى نىسبەتلەردە بولۇشى كېرەك» دېدى.  

دونالد ترامپ تۈركىيە ئامرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانچە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئوتتۇرىمىزدىكى سودىنى 4 ھەسسە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماقتىمىز. تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە مەھسۇلاتلىرى بار. مۇناسىۋەتلىرىمىز ھەربىي ساھەدىمۇ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىزدىن كۆپ مىقتىداردا ھەربىي ئەسلىھە ستىۋېلىشىنىمۇ كۈتمەكتىمىز» دېدى.

دونالد ترامپ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ئەمما زىيارەت ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر