ئەردوغانغا ياپونىيەدە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گ 20 رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىگە يېتىپ باردى.

ئەردوغانغا ياپونىيەدە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى
erdogan osaka fahri doktora.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ياپونىيەدە باشلانغان ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، مۇكوگاۋا ئاياللار ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.

ئەردوغان ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىكى نۇتۇقىدا، پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

ئەردوغان تۈركىيە چېگراسىغا 3 مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك سۈرىيەلىك، ئىراقلىق ۋە ئافغانىستانلىق پاناھلانغۇچىلارنىڭ كەلگەنلىكىنى، تەخمىنەن 4 مىليونغا يېقىن كۆچمەنگە ئايرىپ ئۆلتۈرماستىن، دەرۋازىلىرىنى ۋە قەلبلىرىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بەزىلەرگە پىسەنت قىلماستىن بۇنى قىلدۇق. نۇرغۇنلىغان غەربلىك قوشنىلىرىمىز ئېگىز تاملارنىڭ ئارقىسىغا مۈكىۋىلىشنى ۋە چېگرا سىملىرىنىڭ ئارقىسىدا بېخارامان ئولتۇرۇشنى تاللىدى. نە جانسىز ئەۋلاتلىرىنىڭ بەدىنىگە يېپىشقان ئاتا ئانىلارنىڭ پەرياتلىرى، نە دوختۇرخانىلاردىكى قېيىن قىستاق كۆرۈنۈشلىرى، نە بىگۇناھ كىچىك بالىلارنىڭ كۆز ياشلىرى ئەپسۇسكى بەزىلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلمىدى» دېدى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«بىز شارائىتلارنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىمىدۇق. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىرقىي كىملىكىگە، ئېتىقادىغا ۋە تەن رەڭگىگە قارىماستىن، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارغا ئىگە چىقىشنى داۋملاشتۇرماقتىمىز»

ئەردوغان ياپونىيەدىكى 80 ئاياللار ئۇنىۋېرسىتېتىنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەدىمۇ شۇ خىل ئۇنىۋېسىتېتلارنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن قەدەم تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئوساكادا 28ئىيۇندىن 29ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان گ 20 رەھبەرلەر يىغىنىدا «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئەردوغاننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرسى بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

ئەردوغان «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تاپشۇرۇش باسقۇچىدىن ئىلگىرى گ 20 رەھبەرلەر يىغىنىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن يۈزمۇ يۈز كۆرۈشكەندىن باشقا يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.

سۈرىيە قاتارلىق رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئەردوغان «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشقا قارشى چىققان دونالد ترامپ بىلەن ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەرنى يۈزمۇ يۈز سۆھبەتلىشىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن پايتەخت توكيودا ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر