ب د ت دىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى تۇنجى قېتىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە مەكتەپلەرنىڭ تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى رەسمىي ھالدا قوبۇل قىلدى.

1226050
ب د ت دىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم ئارقىلىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە مەكتەپلەرنىڭ تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ئىشقا ئاشتى.

كېلىشىم تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىكىنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن ب د ت باش كاتىباتلىقى تەرىپىدىن رۇيخەتكە ئېلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دەرۋازىسى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا پۈتۈنلەي تاقالغان بولدى.  مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ب د ت قانۇنلىرىغا بىنائەن رۇيخەتكە ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ئىنمزالانغان كېلىشىمگە بىنائەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە مەكتەپلەرنى تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمەتلرى داۋاملاشماقتا.

ھازىرغا قەدەر تاپشۇرۇپ بېرىلگەن 8 مەكتەپتىكى 3000 غا يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇ ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا. 

تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى ئافغانىستاندىكى مەكتەپلەرگە ئىزچىل مەبلەغ سالماقتا. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇپ ئىلىنغان مەكتەپلەردىكى فىزىكا، خىمىيە ۋە بىئولوگىيە لبوراتورىيەلىرىدىن باشقا يەنە كۈتۈبخانىلارنىمۇ يېڭىلىمەكتە.

بىر تەرەپتىن تۈركىيەدە ئۆز ساھەسى بويىچە يېتىشىپ چىققان كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ئىشقا سىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپلەر ۋە ئوقوغۇچى ياتاقلىرىنى سالماقتا.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر