چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ S-400 گە ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنى ناھايىتى كەسكىن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيەدىن س-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋالغانلىقلىرىنى، نۆۋەتتە بۇ سىستېمىلارنىڭ تۈركىيەگە قاچان تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1224179
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ S-400 گە ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنى ناھايىتى كەسكىن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، پايتەخت ئەنقەرەدە رۇئاندا تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرى دوكتور رىچارد سېزىبېرا بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

سۆزى جەريانىدا ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا دەتالاش تېمىسى بولغان س-400 مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ س-400 ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىنى چۈشىنىشتە قىينىلىۋاتىمىز. ئورتاق كومىتېت قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدۇق، ناتونىڭ ئىچىدە بولۇشىنى تەكلىپ ئېيتتۇق، تەكلىپلەرگە ئامېرىكا ئىجابىي جاۋاب بەرمىدى. تۈركىيە ئەركىندۇر. تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياكى ھەرقانداق بىر دۆلەت <ئال> دېگەندە ئېلىپ، <ئالما> دېگەندە ئالمايدىغان بىر دۆلەت ئەمەس» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەھدىتلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، «قانداق ئېمبارگو قارارى بولسا بولسۇن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن قانداق بايانات كەلسە كەلسۇن، بىز س-400 نى سېتىۋالدۇق. نۆۋەتتە س-400 نىڭ تۈركىيەگە قاچان تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. س-400 سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر