ئىستانبۇلدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش مۇددىتى ئاخىرلاشتى

ئىستانبۇل خەلقى ئالدىمىزدىكى 5 يىل بويىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

1223611
ئىستانبۇلدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش مۇددىتى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى (يەنى جۇمھۇر ئىتتىپاقى)نىڭ نامزاتى بىنالى يىلدىرىم، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە ئىيى پارتىيە (يەنى مىللەت ئىتتىپاقى)نىڭ  نامزاتى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ھەمدە سائادەت پارتىيەسىنىڭ نامزاتى نەجدەت گۆكچىنار بىلەن ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ نامزاتى مۇستاپا ئىلكەر يۈجەل رىقابەتلەشتى.

ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلانغان بېلەت تاشلاش پائالىيىتى چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 دە ئاخىرلاشتى.

سايلامنىڭ نەتىجىسى ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ تارقىتىش بېرىش چەكلىمىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.

تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى، 31 – مارتتىكى سايلامدىن كېيىن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئېتىرازىغا ئاساسەن، 6 – مايدا ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى سايلىمىنىڭ يېڭىلىنىشىغا قارار قىلغانىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر