فۇئات ئوكتاي ھېچكىمنىڭ تۈركىيەگە تەھدىت سالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ھېچكىمنىڭ «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە تەھدىت سالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1222951
فۇئات ئوكتاي ھېچكىمنىڭ تۈركىيەگە تەھدىت سالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ئىستانبۇلدا ياشلار بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى ۋە ياشلارنىڭ كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشى توغرىسىدا ئامېرىكا ئېلان قىلغان باياناتلارنىڭ نورمالدىن كۆپ چوڭايتىۋېتىلگەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىنى مۇبالىغە قىلىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئېھتىياجىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: « S-400 مۇداپىئەگە مۇناسىۋەتلىك، ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسى يوق. تۈركىيەنىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن باشقا دۆلەتتىن ئىجازەت ئېلىش ئادىتى ياكى ئۇنداق مۇئامىلە قىلىش شەكلى يوق. تۈركىيەنىڭ ھەر قانداق مەسىلىدە ئېھتىياجى بولسا، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەپ، تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ، ئاخىرىدا قارار قىلىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. S-400 گە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرمۇ مۇشۇ يوسۇندا بولدى. ئېھتىياج بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. قويۇلغان شەرتلەر نەزەردە تۇتۇلغاندا S-400 ناھايىتى ئۇيغۇن ئىدى، شۇڭا قارار قىلىندى، كېلىشىملەر ئىمزالاندى، تۈركىيە سېتىۋالدى، سېتىۋالىدۇ دېمەيۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ كېلىشىملەرگە سادىق بولغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ تۈركىيەگە «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئارقىلىق تەھدىت سالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ شەرقىي ئاقدېڭىزدا چىقىش ئېھتىمالى بولغان ھىدرو كاربون مەنبەلىرىدە قىبرىستا ياشايدىغان ئىككى خەلقنىڭ ھەققى بارلىقىنى، مەنبەلەرنىڭ ئىككى خەلق تەرىپىدىن تەڭ باراۋەر بۆلۈشۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركلەرنىڭ قىبرىستىكى ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«خەلقئارا قانۇن رامكىسىدا ھەرىكەت قىلىمىز، نېمە قىلىش كېرەك بولسا ئۇنى قىلىمىز. خەلقئارالىق قانۇن بىزگە، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى پاسىللاردا تەبىئىي بايلىقلارنى ئىزدەش ۋە بۇرغىلاش ھوقۇقىنى تونۇيدۇ. بىز بۇ ھوقۇقلىرىمىزدىن پايدىلىنىمىز. بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىش بەزىلەرگە ئېغىر كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. رۇخسەت ئېلىشىمىزنى تەلەپ قىلسا، رەنجىمىسۇنكى بىز ئۇنداق قىلالمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر