چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى  مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن ئىراننىڭ ئىسفاھان شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

1222657
چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ بىلەن زەرىفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەيئەتلەر ئارا خىزمەت يىغىنلىرىدىن كېيىن، مىنىستىرلار ئىككى تەرەپلىك، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە مەسلىھەت ھەم كېڭەشلەرنىڭ دائىرىسنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە بۇ دائىرىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش نىشان قىلىنغان كېڭەش پىلانىنى ئىمزالىدى.

يىغىندىن كېيىن مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف تەرىپىدىن شەرىپىگە بېرىلگەن چۈشلۈك تاماق زىياپىتىگە قاتناشتى.

چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئىسفاھانغا يۈرۈپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر