ئەردوغان: ئامېرىكا ياخشى ئويلىنىشى كېرەك

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە ياخشى ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس، قارشى ئېمبارگولىرىمىز بار» دېدى.

1222189
ئەردوغان: ئامېرىكا ياخشى ئويلىنىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا: «ئامېرىكانىڭ بىر قىيىنچىلىقى بار، بىزنىڭ ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە ھۆرمەتلىك ترامپنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ھەرگىزمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ دەپ ئويلىمايمەن» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ھەر قانداق ناتو دۆلىتىنى ئىتتىپاقتىن چىقىرىۋېتىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو مەسىلىسىدە سەزگۈر بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ناتودىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ھازىرغىچە ناتو ئىچىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلغان ۋە ناتودا ھەمكارلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان دۆلەتكە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشتە ياخشى ئويلىنىشى كېرەك. بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس قارشى ئېمبارگولىرىمىز بولىدۇ، بىز ئۇنىڭغا ماقۇل دەپ قاراپ تۇرمايمىز.»

ئۇ سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما دەۋرىدىن تارتىپلا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق سېتىپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ: «كونگرە ئۇ كۈندىن بۈگۈنگىچە قارشى چىقتى. ئۇنداقتا ئامېرىكا بىزگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بەرمىسە-بۇ بىر مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى-ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىمامدۇق؟ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەدبىر قوللانمامدۇق؟ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ساقلاپ تۇرمايمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدا تەھدىت ئامىللىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شۇڭا، رۇسىيەدىن ئىنتايىن مۇۋاپىق بولغان < S400> لەرنى سېتىۋالدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر