ئەردوغان چەت ئەللىك ژۇرنالىستلار بىلەن كۆرۈشۈپ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا قانۇندىكى ئىمكانىيەتلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، مىسىرنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرىسىنىڭ ۋاپاتىنىڭ خەلقئاراغا ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1221912
ئەردوغان چەت ئەللىك ژۇرنالىستلار بىلەن كۆرۈشۈپ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مۇھىم سۆز قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى ناشتىلىق پىروگراممىسىدا چەت ئەللىك ژۇرنالىستلارغا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىسىردا 6 يىل ئىلگىرى ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتتىن ئاغدۇرۇۋىتىلگەن 67 ياشلىق مۇرسىنىڭ ئۆلۈمىگە ئالاقىدار گۇمانلارنى چوقۇم كۈنتەرتىپىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جاۋابكارلاردىن ھېساب سورايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«بىزلەرگە ھەق-ھوقۇق، ئەركىنلىك دەرسى بېرىدىغانلار مىسىر خەلقىنىڭ %52 ى تەرىپىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتىنىڭ ھەربىي ھاكىمىيەت مەھكىمىلىرىدە ۋاپات بولۇشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغىنى بىلەن، بىز قەتئىي سۈكۈت قىلمايمىز. 2018يىلى 2ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن جەمال قاشىقچى جىنايىتىگە قانداق رازىلىق كۆرسەتمىگەن بولساق، سوت مەھكىمىسىدە ۋاپات بولغان مۇھەممەد مۇرسى پاجىئەسىنىڭمۇ ئۇنتۇلۈپ كېتىلىشىگە يول قويمايمىز.»

ئەردوغان ژۇرنالىستلارھەققىدىمۇ توختىلىپ: «بىز مېدىيا ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەلق نامىدىن سىياسەتچىلەرنى تەكشۈرۈشىگە، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن نازارەتچىلىك قىلىشىغا ھەرگىز قارشى چىقىمدۇق، ھەم چىقمايمىز. دەل ئەكسىچە، نازارەت قىلىش ۋاستىسى بولۇشى كېرەكلىك مېدىيانىڭ ھۆكۈمدارلىق ۋاستىسى بولۇۋىلىشىغا شۇنداقلا سىياسەتنى ئۆز خاھىشى بويىچە شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋاستىسىغا ئايلىنىشىغا ئېتىراز بىلدۈرىمىز. ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن جان تىكىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان ژۇرنالىستلارغا چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. بىراق، ھەقىقەتنىڭ تەجەللىي قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئورنىغا بىردىنبىر غايىسى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش بولغان نەپسانىيەتچى بىر سىياسەتچىدەك پوزىتسىيەدە بولغانلارغا، ژۇرنالىستلارغا قارىغان نەزەردە قارىمايمىز.»

قەلىمى ۋە ئاپپاراتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلەرنىڭمۇ ھەرگىز ژۇرنالىست بولالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «بىزنى پات - پات تەنقىد قىلىپ تۇرىدىغانلارنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلغىنى دەل مۇشۇ مۇھىم نۇقتىدۇر» دېدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر