ئىراقنىڭ شىمالىدا پەنجە ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا
ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىستېھكاملىرى ۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1220713
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە ھەربىي ھەرىكىتى» دە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىستېھكاملىرى، پاناھلىنىش جايلىرى ۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى بىتچىت قىلىندى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قاندىل، ھاكۇرك، ھافتانىن ۋە ئاۋاشىن باسيان رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكەتلىرىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىستېھكاملىرى، ئۆڭكۈر ۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى بىتچىت قىلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.