تۈركىيە: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى يالغان

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى  بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە تەلەپ قىلغان كوئوردىناتلاردا تېررورچىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلىرىنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1219457
تۈركىيە: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى يالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە تەلەپ قىلغان كوئوردىناتلاردا تېررورچىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلىرى ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر