تۈركىيە «ئۇممان قولتۇقى» دا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە «ئۇممان قولتۇقى» دا ئىككى نېفىت پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1218443
تۈركىيە «ئۇممان قولتۇقى» دا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «<ئۇممان قولتۇقى> دا ئىككى نېفىت پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە <ئۇممان قولتۇقى> رايونىدا سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، تۈركىيە <خەلقئارالىق دېڭىز يولى تىرانسپورتى> جەھەتتىن ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان <ئۇممان قولتۇقى> رايونىدا پاراخوتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.»

«ئۇممان قولتۇقى» دا تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە ئىككى چوڭ نېفىت پاراخوتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن، پاراخوتلاردىكى 44 كىىشلىك كاپىتان، ئىران ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئاندىن ئىراننىڭ ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىگە قاراشلىق جاسك پورتىغا ئېلىپ بېرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر