تۈركىيە ئىسلاندىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە مىللىي كوماندىسىنىڭ ئىسلاندىيە ئايرودۇرۇمىدا ساقلىتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1215414
تۈركىيە ئىسلاندىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول  مۇسابىقىلىرى دائىرىسىدىكى 3 قېتىملىق شاللاش مۇسابىقىسىدە 3 نومۇرغا ئېرىشكەن تۈركىيە مىللىي پۇتبول كوماندىسى (H) گۇرۇپپىسىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچۈن ئىسلاندىيەگە كەتتى.

مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئىسلاندىيەگە كەتكەن كوماندا ئىسلاندىيەدە ھۆرمەتسىزلەرچە قارشى ئېلىندى.

پۇتبولچىلارنىڭ سومكىلىرىنى تەكرار – تەكرار تەكشۈرگەن ئىستىراتېگىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى تۈركىيە كوماندىسىنى ئىككى سائەتكە يېقىن ساقلاتقاندىن كېيىن پاسپورت كونتىروللۇقىدىن ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسلاندىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مىللىي كوماندىمىزنىڭ ئىسلاندىيە ئايرودۇرۇمىدا دۇچ كەلگەن مۇئامىلىنى دىپلوماتىك قائىدە – قانۇنىيەتلەر جەھەتتىنمۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىنمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە مىللىي پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئىسلاندىيەدە دۇچ كەلگەن پوزىتسىيەنىڭ دىپلوماتىك قائىدە – يوسۇن ۋە تەنتەربىيە ماھىرلىرىغا خاس پوزىتسىيە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەقەدە جاۋابكارلىقى بار ئىسلاندىيە دائىرىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن، ئۆزگىرىشلەرنى داۋاملىق كۆزىتىۋاتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئىسلاندىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مىللىي  كوماندىمىزغا ئىسلاندىيەدە راۋا كۆرۈلگەن ھۆرمەتسىزلىكنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.  بۇ ھەقتە تېگىشلىك قەدەم تاشلىنىدۇ. دەرۋەقە، دۆلىتىمىز بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتتى. دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىز ھەردائىم مىللىي كوماندىمىزنى قوللايدۇ. مىللىي كوماندىمىز ئىسلاندىيەگە ئەڭ گۈزەل جاۋابنى پۇتبول ساھەسىدە بېرىدۇ.»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ چەك – چېگرالىرىدىن ھالقىپ كەتكەن، تەنتەربىيەنىڭ روھىغا ماس كەلمەيدىغان ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىن قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بۇ مۇئامىلىنىڭ جاۋابكارى ئىسلاندىيە دائىرىلىرىدۇر. مىللىي كوماندىمىز دۇچ كەلگەن بۇ مۇئامىلە بىر خىل زوراۋانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق  قالاق مۇئامىلىسى تۈپەيلى ئىسلاندىيە دائىرىلىرى تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورىشى لازىم، بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىدىغان قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەك. مىللىي كوماندىمىزغا سايلام يوللايمىز. پۈتكۈل خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللايدىغانلىقى مىللىي كوماندىمىزغىمۇ بەش قولدەك ئايان. دەرۋەقە، مىللىي كوماندىمىزنىڭ قالاق مۇئامىلىلەرگە، تەنتەربىيەنىڭ روھىغا ئۇيغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل، بىزنىڭ يۈرىكىمىز ھەمىشە ماھىرلىرىمىزنىڭ يۈرەكلىرى بىلەن بىرلىكتە سوقىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر