تۈركىيە يەمەن خەلقىگە زور مىقداردا يېمەك-ئىچمەك ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى يەمەن خەلقىگە زور مىقداردا يېمەك-ئىچمەك ياردەم قىلدى.

1212589
تۈركىيە يەمەن خەلقىگە زور مىقداردا يېمەك-ئىچمەك ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى يەمەننىڭ شەرقىگە جايلاشقان مارىب شەھىرىدىكى مۇھتاجلارغا 5000 يېشىك يېمەك-ئىچمەك تارقاتتى.

يەمەن خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن ئەل-بەرەكەت ۋاستىسى ئارقىلىق تارقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە، مارىب شەھىرىدىكى مۇھتاجلارغا 5000 يېشىك يېمەك-ئىچمەك تارقىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

يېمەك-ئىمەك تارقىتىش خىزمەتلىرىگە مارىب شەھەرنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇ راببۇھ مىفتاھ بىلەن تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسىنىڭ ھەيئەت باشلىقى مۇستافا ئايازمۇ قاتناشتى.

ھەيئەت باشلىقى ئاياز يەمەننىڭ نۇرغۇن شەھىرىدە ياردەم خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ياردەم خىزمەتلىرىنىڭ يەمەن ۋە تۈرك خەلقىنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىش پىروگراممىسى دائىرىسىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مۇئاۋىن  شەھەر باشلىقى مىفتاھ تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە شەھەرلىك ھۆكۈمەت نامىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە بېسىمى بىلەن يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان يەمەنلىكلەرنىڭ بېشىغا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان مىفتاھ، مارىب شەھىرىدە سەھىيە، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، يېزا-ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردە كېلىپ چىققان مەسىلىلەر توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي قالايمىقانچىلىقلارغا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان يەمەندە، شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلەر بىلەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە.

شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرى 2014-يىلدىن بۇيان پايتەخت سەنئا ۋە بەزى رايونلارنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى 2015-يىلى مارتتىن بۇيان شىئە ھۇسىيلارغا قارشى ھۆكۈمەت قىسىملىرىنى قوللاپ كەلمەكتە.

يەمەن ئاچارچىلىق، خولېرا، توقۇنۇش ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە بەدىلىنى پەقەت خەلقلا تۆلەپ كېلىۋاتقان ئېغىر ئىنسانىي پاجىئەلەرگە سەھنە بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر