ئەردوغان مۇسۇلمانلارنىڭ قەدىر كېچىسىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل ئەسەنلەر دۆرتيول مەيدانىدا قەدىر كېچىسى مۇناسىۋىتى  بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پىروگراممىدا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ قەدىركېچىسىنى تەبرىكلىدى.

1212431
ئەردوغان مۇسۇلمانلارنىڭ قەدىر كېچىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ مۇقىملىق، تىنچلىق، دېموكراتىيە، پۇقرالارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆرنەك بولالايدىغان سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل ئەسەنلەر دۆرتيول مەيدانىدا قەدىر كېچىسى مۇناسىۋىتى  بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پىروگراممىغا ئىشتىراك قىلدى.

پىروگراممىغا قاتناشقانلارنىڭ قەدىر كېچىسىنى تەبرىكلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان:تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا رامىزاننى ئىدراك قىلىش شەرىپىگە نائىل بولغان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا چوڭقۇر سالام يوللايمەن، سۈرىيەدە بومبىلارنىڭ ئاستىدا ئىپتار قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، يەمەندە بىر پارچە نانغا زار بولىۋاتقان بالىلار، ئافغانىستان، پاكىستان، ئىراق، لىۋىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۆلەڭگىسىدە روزا تۇتۇشقا مەجبۇر بولىۋاتقان مەزلۇملار، 70يىلدىن بۇيان ۋەتەن ھىجرانىدا يۈرگەن پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا دۇئا قىلىمىز ۋە سالام يوللايمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رامىزان ئېيىنىڭ روھىغا ئاساسەن ياشاشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ، يېڭىكاپى مەيدانىدا تۈركىيە دىيانەت ۋەقپىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پىروگرامما دائىرىسىدە 313مىڭ كىشى بىلەن تەراۋىھ نامىزى قىلىشنىڭ پىلانلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، دۇنيا مىقىياسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى تۆكۈلىۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇم ۋە قەتلىئاملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دۇنيادا  ئېغىر پاجىئەلەر يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيەدە تىنچلىق، ئامانلىق، ئىتتىپاقلىق، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر