تۈركىيە «S-400» لەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئىشلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1212014
تۈركىيە «S-400» لەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي بەزى تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ «S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى كېچىكتۈرۈشنى ئويلاشقان-ئويلاشمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «يېقىنقى كۈنلەردە بەزى تاراتقۇ ئورگانلىرى ئېلان قىلغان تۈركىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ تەلىپى بويىچە S-400 سىستېمىلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى كېچىكتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. رۇسىيەدىن S-400 سىستېمىلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇساپىمىز پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ S-400 سىستېمىلىرىنىڭ «F-35» ئايروپىلانلىرىغا زىيان سېلىشى مۇمكىنلىكىنى توغرىسىدىكى ئەندىشەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا تەرەپكە سۇنغان «تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى» تەشكىللەش تەكلىپىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر