تۈركىيە كەركۈكتە يۈز بەرگەن ھۇجۇملار مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراققا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە تۈنۈگۈن كەركۈك شەھىرىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئىراققا تەزىيە بىلدۈردى.

1211723
تۈركىيە كەركۈكتە يۈز بەرگەن ھۇجۇملار مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراققا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ كەركۈك شەھىرىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىدىن  تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئوخشىمىغان ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ تىنچلىق ئىچىدە بىرگە ياشاش مەدەنىيىتىنى نىشان قىلغان بۇ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، ھۇجۇملاردا  ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز،  بۇ خائىنلارچە ھۇجۇملارنىڭ، كەركۈك خەلقىنىڭ تىنچ، ھۇزۇر ئىچىدە ۋە خاتىرجەم بىرگە ياشىشى ھەمدە ئىراقنىڭ پاراۋانلىقى ۋە ھۇزۇرىغا ھەسسە قوشۇش يولىدا نامايەن قىلىۋاتقان ئىرادىسىگە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىلدۇر.»

كەركۈكنىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىرىدا تۈنۈگۈن ئارقىمۇئارقا مەيدانغا كەلگەن ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان 6 قېتىملىق بومبا ھۇجۇمىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 15 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر